UyghurMain Dictionary
ئويغانماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇيقۇدىن خالاس بولماق، ئويغاق ھالەتكە كەلمەك، ئۇيقۇدىن تۇرماق.
ياسىن شىۋىرغاننىڭ ئەنسىز ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى.
كۆچمە. ھەرىكەتكە كەلمەك، قوزغالماق، جانلانماق.
چۆل ئويغاندى. قىزىپ كەتتى جەڭ، مۈشكۈللۈكلەرگە كۆكرەكنى كەردۇق. كوئىنلۇندىن ئېلىپ تاش ئۆستەڭ، ئابىھايات باشلاپ ئەكەلدۇق.
كۆچمە. پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق، قوزغالماق، بارلىققا كەلمەك (تۈرلۈك ھېس - تۇيغۇلار ھەققىدە).
مېنىڭ قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھارارەتلىك بىر تۇيغۇ ئويغىنىشقا باشلىدى.
كۆچمە. ئاڭ، سەۋىيىسى ئۆسۈپ، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى، ئەركىنلىكىنى، ئازادلىقىنى ياكى ئابرۇي ئىناۋىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، تىكلەش ئۈچۈن ئاتلانماق، كۈرەش قىلماق، قوزغالماق.
زالىملارنىڭ زۇلىمىغا چىدىمىغان خەلق ئاخىرى ئويغاندى.
كۆچمە. غەپلەت باسقان، روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشكەن ياكى ئازغان ھالەتتىن قۇتۇلۇپ نورمال ھالەتكە ئۆتمەك، ئۆزىنى ئوڭشىۋالماق، رۇسلىۋالماق.
مەن سىزنىڭ تىزرەك ئويغىنىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن مەنسۇر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىڭىزغا يول قويىمەن!