UyghurMain Dictionary
ئويدۇرما
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەقىقىي، رېئال ئەھۋالغا ئۇيغۇن بولمىغان، ئويدۇرۇپ چىقىلغان، خاتا.
ھەقىقەت
ھەقىقىي داۋلى، يەنى ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى، ئادەمنىڭ ئېڭىدىكى توغرا ئىنكاسى.
ھەقىقەت - ئەقىل چىرىغى. ھەقىقەتنىڭ ھېسابى ئۆزگەرمەيدۇ. ھەقىقەت يولىدا ئازاب چېكىشمۇ شەرەپ. ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى ئەمەلىيەت. ھەقىقەت ئاياشنى خالىمايدۇ. ھەقىقەت مېھرىبانلىقنى تىلىمەس. خەقنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتنى ياقلايدۇ، يەپ - ئىچىشكە كەلگەندە كىم كىمنى ياقلايدۇ. ئويدۇرما ھەقىقەتكە دۈشمەن. ھەقىقەت ئىككى پۇت بىلەن تۇرار، سەپسەتە بىر پۇت بىلەن. ئەپسانە ھەقىقەتتىن يىراق. سەپسەتە بىردەملىك، ھەقىقەت مەڭگۈلۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قەستەن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان يالغان گەپ - سۆز، بەتنام، بوھتان؛ ئاساسىي يوق يالغان سۆز.
<پارتىيىگە قارشى گۇرۇھ> توغرىسىدىكى ئۈستۈمگە يۈكلەنگەن ئويدۇرمىلار يەلكەمنى بىر يوغان قورام تاش بولۇپ باستى.