UyghurMain Dictionary
ئۆلىمالار شەجەرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەدرىسە تەربىيىسىدىكى خەنزۇچە شەجەرە كىتابى بولۇپ، بۇنىڭغا شې ۋىنشەن كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن. ئۇنى جاۋشەن (شې ۋىنشەننىڭ شاگىرتى) تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭدا خۇدىڭجۇنىڭ دىننى تەبلىغ قىلىش سىستېمىسى، شۇ چاغلاردىكى خۇيزۇ، سالار مىللەتلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر ئۆلىمالارنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ۋە پىر - ئۇستازلار ئارىسىدىكى ۋارىسلىق قىلىش مۇناسىۋەتلىرى خاتىرىلەنگەن. قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال بولۇش قىممىتىگە ئىگە. 1989 - يىلى چىڭخەي خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن مىخ مەتبەئەدە نەشر قىلىنىدى.