UyghurMain Dictionary
ئۆمسە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىزىق، ھەيران قالارلىق؛ ئادەتتىكىدىن باشقىچە.
«سونۇ» ، «ئۆمسە» لەر قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
كىچىك بالىمۇ ئاجايىپ چۈشلەرنى كۆرىدۇ. ئۇ ئاجايىپ - غارايىپ پاراڭلارنى ئاڭلاپتۇ. چۈشەنگەن ھەرقانداق غەلىتە قورغاننى ئالار. بىر قىسما ئىشلار چىققىلى تۇردى. ئۆمەر ئۆمسە ئادەم ئىكەن. مەھەللىمىزگە سونۇلا بىر ئادەم كەپقاپتۇغۇ.
شىۋىلەر
غەلىتە، ئاجايىپ، بۆلەكچىلا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
غەلىتە، ئاجايىپ، بىر قىسىملا، بۆلەكچىلا.
ھازىر شەھەردە پايلاقچىلار كۆپ، ئەگەر كوچىدا ياكى دەرۋازىنىڭ ئالدىدا يوچۇن، ئۆمسە كىشىلەرنى بايقىساڭ، كىرمەي يېنىپ چىق، سەگەك بولمىساق بولمايدۇ، ئۇكام.