UyghurMain Dictionary
ئۆلىدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ھۆللەشتى، ھۆل بولدى.
تون ئۆلىدى _ تون ھۆللەشتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق ( ئۆلىر _ ئۆلىمەك). ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كەزۈكلۈگ ئۆلىمەس كۈفەچلىگ كۈرىمەس _ يېپىنچىلىق ھۆل بولماس، ئېغىزدۇرۇقلۇق چاپچىيالماس. يېپىنچىسى بار ئادەم يامغۇردا ھۆل بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ساقلىنىپ قالىدۇ؛ ئېغىزدۇرۇق سېلىنغان ئات چاپچىيالمايدۇ ۋە شاشلىق قىلالمايدۇ. بۇ ماقال ئىشلار ئۈچۈن تەييارلىق بولۇشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
3 - 35