UyghurMain Dictionary
ئېنزىملىق رېئاكسىيىنىڭ ئاساسلىق كىنېتىكىسى
Domain: بىئولوگىيەئېنزىملىق رېئاكسىيە تېزلىكى ۋە بۇ تېزلىككە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار (PH قىممىتى، تېمپېراتۇرا، تورمۇزلىغۇچىلار، ئاكتىپلاشتۇرغۇچىلار قاتارلىق) نى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇ رېئاكسىيىلەشكۈچى ماددىدىن ھاسىلاتقىچە مۇمكىن بولغان مۇساپە ۋە مېخانىزمنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. Michaelis ۋە Menten لار ئېنزىمىنىڭ ئاساسىي ماددىغا تويۇنۇش ھادىسىسىنى ئاساس قىلىپ، <ئارىلىق ھاسىلات> تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى: يەنى ئېنزىم (E)، ئاساسىي ماددا (S) بىلەن بىرىكىپ بىر تۇراقسىز كومپلېكىس بىرىكمە (ES) نى ھاسىل قىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ھاسىلات (P) ۋە ئەركىن ئېنزىم ھاسىل بولىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.