UyghurMain Dictionary
ئېنتومولوگىيە
بىئولوگىيە
ھاشاراتلارنىڭ مورفولوگىيىسى، بۆلۈنۈشى، فىزىئولوگىيىسى، ئېكولوگىيىسى، پاتولوگىيىسى، توكسىكولوگىيىسى، ئىرسىيىتى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشى قاتارلىق ھاياتلىق ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنىى ھەمدە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ھازىرقى زامان ئېنتومولوگىيىسى تەرەققىي قىلىپ كۆپ تارماقلىرى بولغان مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى. ئۇنى تەقىق قىلىش دائىرىسىگە ئاساسەن ئىككى چوڭ تارماققا يەنى نەزەرىيىۋى ئېنتومولوگىيە (ياكى ئومۇمىي ئېنتومولوگىيە) بىلەن ئەمەلىي ئېنتومولوگىيە (ئىقتىسادىي ئېنتومولوگىيە) گە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئېنتومولوگىيىدىكى ئاساسىىي نەزەرىيىلەرنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ كېيىنكىسى ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھاشاراتلارنى تەتقىق قىلىدۇ. يەنى ھاشاراتلارنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ، زىيانلىق تۈرلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە يوقىتىدۇ. تەتقىق قىلىش مەزمۇنىغا ئاساسەن بۆلگەندە، ئاساسلىقلىرى: ھاشاراتلار ئىنتومولوگىيىسى، ھاشاراتلار تاكسونومىيسى، ھاشاراتلار ئېكولوگىيىسى، ھاشاراتلار فىزىئولوگىيىسى، ھاشاراتلار بىئوخىمىيسى، ھاشاراتلار گېنېتىكىسى، ھاشاراتلار پاتولوگىيىسى، ھاشاراتلار توكسىكولوگىيىسى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئېنتومولوگىيىسى، زاپاس ساقلاش ئېنتومولوگىيىسى، ئورمان ئېنتولوگىيىسى، مېدىتسىنا ئىنتومولوگىيىسى، چارۋا مال ئېنتومولوگىيىسى ۋە بايىق مەنبەلىرى ئېنتومولوگىيىسى قاتارلىقلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
زوئولوگىيە
ھاشاراتلارنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشى، كلاسسىفىكاتسىيسى، فىزىئولوگىيىسى، كېسەللىكلىرى، زەھەرلىنىش يوللىرى، گېنېتىكىسى ۋە كۆپىيىش تەرەققىياتى قاتارلىق ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، زىيانلىق ھاشاراتلارنى كونترول قىلىش، پايدىلىق ھاشاراتلاردىن پايدىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پەن.