UyghurMain Dictionary
ئېمېرسون ئېففېكتى
بىئولوگىيە
ئەينى ۋاقىتتا ئىللىنويىس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى روبېرت، ئېمېرسون قاتارلىق كىشىلەر يۈسۈنلەرنىڭئەڭ چوڭ كۋانت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئۆلچەش ئارقىلىق فوتوسىنتېزدا رول ئوينايدىغان يورۇقلۇق سپېكتېرىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلار كىچىك شارچە پۈسۈن (chlorella) نىڭ فوتوسىنتېزىدا ئەڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغىنى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى nm650 - nm680 بولغان قىزىل نۇر بىلەن nm400 - nm460 بولغان كۆك نۇر ئىكەنلىكىنى، ھەمدە بۇ خىل رەڭدىكى نۇرنىڭ دەل خلوروفىل ئەڭ كۈچلۈك سۈمۈرىدىغان قىسىم ئىكەنلىكىنى بايقىغان. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى mn680 بولغان ئورۇندىكى كۋانت سۈمۈرۈش ئۈنۈمى mn490 ئورۇندىكى كۋانت سۈمۈرۈش ئۈنۈمىدىن 36 پىرسەنت يۇقىرى بولغان. دولقۇن ئۇزۇنلۇقى mn685 دىن چوڭ بولمىغاندا گەرچە خلورفىل زور مىقداردا سۈمۈرسىمۇ، بىراق كۋانت ئىشلەپچىقىرىش نورمىسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتكەن، بۇ خىل ھادىسە قىزىل نۇردا تۆۋەنلەش دەپ ئاتىلىدۇ. 1957 - يىلى ئېمېرسون قاتارلىق كىشىلەر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى mn685 دىن چوڭ بولغان يىراق قىزىل نۇر شارائىتىدا، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى mn650 بولغان قىزىل نۇرنى تولۇقلاپ بەرگەندە فوتوسىنتېزنىڭ كۋانت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئارتقان، بۇ ئىككى خىل دولقۇن ئۇزۇنلۇقتىكى نۇر بىلەن يالغۇز يورۇتقان ۋاقىتتىكى كۋانت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارلىرىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولغان. بۇ خىل قىسقا دولقۇنلۇق قىزىل نۇرنى تولۇقلش ئارقىلىق ئۇزۇن دولقۇنلۇق يىراق قىزىل نۇرنىڭ فوتوسىنتېز ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ھادىسە قوش نۇر بىلەن پايدىلىق ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش ياكى ئېمېرسون ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ.