UyghurMain Dictionary
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپى
بىئولوگىيە
ئېمىتكۈچى ھايۋانلار پۈتۈن تېنى تۈك بىلەن قاپلانغان، ھەرىكىتى تېز، تېمپېراتۇرىسى تۇرغۇن، تىرىك تۇغۇپ ئېمىتى باقىدىغان، ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىچىدىكى تەن تۈزۈلۈشى، فۇنكسىيىسى ۋە ھەرىكەت - قىلىقلىرى ئەڭ مۇرەككەپ بولغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار تۈركۈمى ھېسابلىنىدۇ. بەدىنىنى ئادەتتە باش، بويۇن، گەۋدە، قۇيرۇق ۋە تۆت پۇتىدىن ئىبارەت بەش قىسىمغا بۆلۈشكە بولىدۇ. تەن بوشلۇقى مۇسكۇل خاراكتېرلىك دېئافراگما ئارقىلىق كۆكرەك بوشلۇقى ۋە قورساق بوشلۇقىغا ئايرىلغان؛ ئادەتتە غەيرىي تىپتىكى چىشلىرى (كىتتىن باشقا) بولۇپ، ئوتتۇرا چىش (كەسكۈر چىش ياكى كۈرەك چىش)، قوزۇق چىش، ئالدىنقى ئېزىق چىش ۋە ئېزىق چىشلارغا بۆلۈنگەن؛ يۇقىرى دەرىجىدىن تەرەققىي قىلغان نېرۋا سىستېمىسى بولۇپ، چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەجىمى زور، چوڭ مېڭە پوستلىقى قېلىنلاپ، يۈزىدە پۈرمىلەر (ئېرىقچە ۋە بۈدۈرلەر) پەيدا بولغان، كىچىك مېڭىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ، مېڭە نېرۋىلىرى 12 جۈپ، پۇراش سېزىمى ھەم ئاڭلاش سېزىمى ئۆتكۈر، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك؛ يۈرىكى ئىككى يۈرەك دالانچىسى ۋە ئىككى يۈرەك قېرىنچىسىغا بۆلۈنگەن. سول تەن ئارتېرىيە يايى بار، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئىككى تەرىپى ئويمان، ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ يېتىلگەندىن كېيىن يادروسى يوقىلىدۇ. ئېمىتكۈچى ھايۋانلار مېزوزوي دەۋرىدىكى يەر باغىرلىغۇچى ھايۋانلار (تېراپسىدلار Therapsida) نىڭ ئەۋلادىدىكى بىر تارماق بولغان يىرتقۇچ چىشلىقلار (Theriodentia) دىن كېلىپ چىققان. ئۇلاردا ئېمىتكۈچىلەرنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى ئالاھىدىلىكلەر ھازىرلىنىپ بولغان. ئېمىتكۈچى ھايۋانلار ھەر خىل ئوخشىمىغان مۇھىت شارائىتلىرىغا ماسلىشالايدۇ، پۈتۈن يەر شارىغا دېگۈدەك تارقالغان، قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان، كامارلاردا ياشايدىغان، ئۇچىدىغان، سۇدا ياشايدىغان تىپلىرى بولىدۇ. تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، تەخمىنەن 4300 تۈر بولۇپ، ئۈچ كەنجى سىنىپقا بۆلۈنگەن؛ ئىپتىدائىي ئېمىتكۈچىلەر كەنجى سىنىپى (پروتوتېرىيە Prototheria)، مەسىلەن، ئۆردەك تۇمشۇق قاتارلىقلار؛ كېيىنكى ئېمىتكۈچىلەر كەنجى سىنىپى (مېتاتېرىيە Metatheria)، مەسىلەن، كېنگۇرو قاتارلىقلار؛ ۋە ھەقىقىي ئېمىكتۈچىلەر كەنجى سىنىپى (ئېۋتېرىيە Eutheria) ئېمىكتۈچىلەرنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىك تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپلىگەن تۈرلىرى كۆندۈرۈش ئارقىلىق ئۆي ھايۋانلىرىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ھەر خىل ئەمگەكلەرگە سېلىش، ئىستېمال قىلىش، دورا ياساش ۋە سانائەت قاتارلىقلاردا پايدىلىنىلماقتا. ياۋايى تۈرلىرىنىڭمۇ كۆپچىلىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئاز ساندىكى تۈرلىرى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئىنسانلارغا زىيانلىق