UyghurMain Dictionary
ئېنگېلبرېكتىسون
دۇنيا تارىخى
(1390 - 1459) شۋېتسىيەنىڭ دالېكارلىيا تاغلىق رايونىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىسى. كېلىپ چىقىشى كىچىك ئاقسۆڭەك، كان سودىگىرى. دانىيە ۋە شۋېتسىيە كورۇلى ئېرىك 7 (8213 - 1459) ئېغىر باجنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىپ، شۋېتسىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئېنگېلبرېكتىسون دالىكارلىيا تاغلىق رايونىدىكى دېھقانلار ۋە كان ئىشچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ فېئوداللارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆرۈرگەن. 1435 - يىلى شۋېتسىيە مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئالىي قوماندانلىقىغا سايلانغان. 1436 - يىلى كورۇل بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار كار كنۇتسۇن بىلەن بىللە يولباشچى بولغان. شۇ يىلى 5 - ئاينىڭ باشلىرى قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.