UyghurMain Dictionary
ئىللىرىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يەر نامى. بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا، ئادىرىئاتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقى (ھازىرقى يۇگوسلاۋىيىنىڭ غەربىي شىمال دېڭىز بويى رايونى) غا جايلاشقان. ئاھالىسى ئىللىرىيىلىكلەر دەپ ئاتىلىپ، دائىم دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردە، ھەرقايسى قەبىلىلەر بىرلىشپ دۆلەت قۇرغان؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، رىم ئارقا - ئارقىدىن بېسىپ كىرىپ (بىرىنچى، ئىككىنچى قېتىملىق <ئىللىرىيە ئۇرۇشى> دېگەن شۇ)، ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا مەجبور قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە رىم تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، رايونلارغا بۆلۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلغان؛ ئۇنىڭدىن كېيىن رىمنىڭ بىر ئۆلكىسى (ئىللىرىيە ئۆلكىسى) قىلىنغان. دېڭىز بويىدا سالونا قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلىرى بار. Ⅵ - Ⅴئەسىرلەردە گوتلار ۋە سلاۋىيانلار ئولتۇراقلاشقان.