UyghurMain Dictionary
ئىللەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېسەل، كسەللىك، بىمارلىق؛ سەۋەب؛ ئىللەت، نۇقسان، ئەيىب:
ئەللاھ، ئەللاھ دەپ گۇناھ دەردىڭ دەۋاسىن ئىزدەگىل،
زىكرى مۇھبۇت بارچە ئىللەتكە دەۋا بولدى دەرىغ.
شەۋقى.
گىنە داغى سىنەدە ئىللەت دۇرۇر،
دەفئ بىلىڭ تازە تەھارەت دۇرۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېسەللىك، ئاغرىق؛ سەۋەب؛ كەمچىلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كەمچىللىك، كەمتۈكلۈك، يارىماس قىلىق، ئادەت.
بوينىدا ئىللىتى بارنىڭ تۇۋىقى سىرقىرار. ئىللەت تۈزەلمىسە، مىللەت تۈزەلمەس. ئۆز ئەيىبىنى بىلگەن باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ئاچماس. ئاقارغان چاچ ئەيىپ ئەمەس. بىر ئېۋەننى يوشۇرساڭ، يەنە بىرى چىقار. پەرىشتىدىنمۇ بەش نۇقسان تېپىلار. قۇسۇر تېپىشقا ئۇرۇنما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بەدەندىكى دەرد، كېسەللىك، كەمتۈكلۈك؛ ئاغرىق.
ساقايماس ئىللەت. كونا ئىللەت.
بىرەر ئىشقا سەۋەب بولغان كەمچىلىك؛ ئەيىب، نۇقسان.
ئىللەت تاپماق. يامان ئىللەت. ناچار ئىللەتنى تۈزەتمەك.