UyghurMain Dictionary
ئىللىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پۇراش ئەزاسى _ بۇرۇن بىلەن پۇراقنى قوبۇل قىلماق.
«ئىللىماق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
يۈزماينى ساتقۇزىنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ئالما، پۇراپ ئال. ئادەم سۆزىلىشىپ تونۇشار، ھايۋان ئىسكىشىپ تېپىشار. ياخشىنىڭ يادىكارىنى كۆز ئېقىدا ساقلىغىن، ۈولى بولسا باشقا سانجىپ، غۇنچىسىنى ئىللىغىن.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
پۇرىماق، ئىسكىمەك. مەسىلەن:
ياخشىنىڭ يادىگارىنى،
كۆز ئېقىدا ساقلىغىن.
غولى بولسا باشقا سانچىپ،
غۇنچىسىنى ئىللىغىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىر ئاز ئىسسىماق، ئىلىق ھالەتكە ئۆتمەك؛
ھاۋا ئىللىدى.
كىچىك دېرىزىدىن كۈن نۇرى غۇۋا چۈشۈپ تۇراتتى، ئۆي ئىچى خېلىلا ئىللىپ قالغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دىئال. پۇرىماق، ئىسكىمەك.