UyghurMain Dictionary
ئىيۇن قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدىكى پارىژ پرولېتارلىرىنىڭ قوزغىلىڭى. 1848 - يىلىدىكى فېۋرال ئىنقىلابى ئىيۇل خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەتنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. بۇرژۇئا جۇمھۇرىيەتچىلىرى ئىشچىلارغا قارشى سىياسەت يۈرگۈزۈپ، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى <دۆلەت زاۋۇتى> نى تارقىتىۋېتىش بۇيرۇقىنى جاكارلىغان. ئىككىنچى كۈنى، پارىژ ئىشچىلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە <دېموكراتىك ۋە سوتسىيال جۇمھۇرىيەت> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. 50 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى ئۇدا تۆت كۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش ئېلىپ بارغان. 26 - ئىيۇن قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى كاۋا ئىگناكنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى ئارقىسىدا مەغلۇپ بولغان. 11 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 25 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ھۆكۈم كېسىلگەن. ماركس بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭنى <ھازىرقى جەمئىيەتتىكى ئىككى چوڭ قارىمۇ - قارشى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئۇلۇغ كۈرەش> دەپ ئاتىغانىدى.