UyghurMain Dictionary
ئىيۇل ئىنقىلابىي
دۇنيا تارىخى
1830 - يىلى فرانسىيىدە بولۇپ ئۆتكەن بوربون تىرىلدۈرۈش خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇش ئىنقىلابى. 1824 - يىلى 9 - ئايدا چارلېس Ⅹ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئەكسىيەتچىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1830 - يىلى 7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى يېڭى پەرمان ئېلان قىلىنىپ، سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى ئېلىپ تاشلاپ، گېزىت - ژۇرناللارنى ئالدىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ ئاۋام پالاتاسىنى تارقىتىۋېتىپ، سايلام سالاھىيىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن. 72 - كۈنى پارىژدىكى ئامما قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، 29 - كۈنى دېۋىللې سارىيىنى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. لىبېرال پارلامېنت ئەزالىرى لاففىت باشچىلىقىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى قۇرغان، لافائېت مىللىي قوغدىنىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چارلېس Ⅹ ئورنىنى نەۋرىسى گراف شامبورغا بوشىتىپ بېرىشنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ ئىيۇل خاندانلىقى بەرپا قىلىنغان. 7 - كۈنى لۇئى فىلىپ رەسمىي تەختكە چىقىپ كورۇل بولغان، 14 - كۈنى 1830 - يىللىق ئاساسىي نىزام ماقۇللانغان.