UyghurMain Dictionary
ئىيۇل ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
1917 - يىل 7 - ئايدا روسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى پېتروگراد ئىشچلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ نامايىشىنى باستۇرغان ۋەقە. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپتە مەغلۇپ بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پېتروگرادقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئامما ئۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن. 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ۋىبورگ رايونىدىكى ئىشچىلار ئۆزلۈكىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش تەرەققىي قىلىپ شەھەر بويىچە ئومۇميۈزلۈك نامايىشقا ئايلانغان ھەمدە قوراللىق قوزغىلاڭغا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. بولشېۋىكلار پارتىيىسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پەيتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى دەپ قاراپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە توسۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغانلىقتىن نامايىشقا قاتنىشىشنى قارار قىلىپ، نامايىشنى تىنچلىق ۋە تەشكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە قىلماقچى بولغانىدى. 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە 500 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىلار، ئەسكەرلەر ۋە كرانشتاد ماتروسلىرى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، <پۈتۈن ھاكىمىيەتنى سوۋېتقا مەنسۇپ قىلىش> نى تەلەپ قىلغاندا، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قورال كۈچى بىلەن باستۇرغانلىقتىن، 400 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. كەينىدىنلار ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ھەربىي دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن، <ھەقىقەت> گېزىتىنى پېچەتلىگەن، قىزىل گۋاردىيىنى قورالسىزلاندۇرغان؛ لېنىننى ئىزدەپ تۇتۇش ھەققىدە بويرۇق چۈشۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا كۆچكەن. ئىككى ھاكىمىيەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋەزىيىتى ئاياغلاشقان.