Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيىگە قاراشلىق سومالى
دۇنيا تارىخى
英属索马
yīng shǔ suǒ mǎ
ھامىيىلىقتىكى جاي - سومالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سومالىنىڭ شىمالىي قىسمى ئەنگلىينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان چاغدىكى ئاتىلىشى. 1884 - 1886-يىللىرى ئەنگلىيە يەرلىك قەبىلە باشلىقىنى ئالداپ <ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1887-يىلى بۇ رايوننى ھامىيلىقتىكى دۆلەت دەپ جاكارلىغان. 1940-يىلى ئىتالىيە بىر مەھەل ئىگىلىۋالغان. ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە قايتۇرۇۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. 1960-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇستەقىللىك جاكارلىغان. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۇبىي رايون (ئەسلىدە ئىتالىيىگە قاراشلىق سومالى) بىلەن بىرلىشىپ سومالى جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.