Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيىدىكى 1926-يىلدىكى چوڭ ئىش تاشلاش
دۇنيا تارىخى
英国一九二六年大罢工
yīng guó yī jiǔ èr liù nián dà bà gōng
ئەنگلىيە ئىشچىلار سىنىپى قوزغىغان، تا ھازىرغىچە قەدەر كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئىش تاشلاش. 1926-يىل 5-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگلىيە كان ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى كېمەيتىشكە قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىن ئالدى بىلەن ئىش تاشلىغان ھەمدە ئىش تاشلاش تېرلىكتە باشقا سانائەت تارماقلىرىغىچە كېڭىيىپ، مەملىكەت بويىچە سىياسىي خاراكتېرلىك ئومۇمىي ئىش تاشلاشنى شەكىللەندۈرگەن. دەسلەپكى بىرنەچچە كۈندە 2 مىليون كىشىگە يەتكەن ھەمدە جۇڭگو، سوۋېت ئىتتىپاقى، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىشچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي تۇرمۇشىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان. لېكىن لېيبورستلار پارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى باش مۇدىرىيىتى ئىلاجىسىز ھالدا ئىش تاشلاشنى جاكارلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ھەمدە 5-ئاينىڭ 12-كۈنى قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ئىشچىلىرىنىڭ ئىش تاشلىشىنى توختاتقان. لېكىن كان ئىشچىلىرى ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، شۇ يىلى 12-ئايغىچە ئىش تاشلاشنى ئۆز ئالدىغا قەتئىي داۋاملاشتۇرغان