Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيىدىكى چوڭ توپىلاڭ ۋە ئىچكى ئۇرۇش تارىخى
دۇنيا تارىخى
英国大叛乱及内战史
yīng guó dà pàn luàn jí nèi zhàn shǐ
كىتاب ئىسمى. ئەنگلىيە تارىخشۇناسى، مۇنارخىسىت كلارېندون يازغان ئەسەر. ئاپتور بۇ ئەسەرنى ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن مەزگىلىدە يازغان بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئورگىنالىنى بېكىتكەن. ئاساسەن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى تارىخىنى بايان قىلغان. ئەسەر ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان. ئالدىنقى قىسمىدا 1644-يىلدىن بۇرۇنقى چوڭ ۋەقەلەر، كۆپىنچە ئاپتورنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، مەلۇم تارىخىي ماتېرىيال قىممىتىگە ئىگە. كېيىنكى قىسمى <تەرجىمىھال> بولۇپ، 1609-يىلى ئاپتور تۇغۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپ 1660-يىلى ئەنگلىيە كورۇلى چارلېس Ⅱ تىرىلگەنگە قەدەر بولغان ۋەقەلەر يېزىلغان. مەزمۇنى كۆپىنچە ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلەش بولۇپ، خاتالىق ناھايىتى كۆپ. ئاپتور پادىشاھ پەرەسلەرنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئىنقىلابچىلارنى ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇلارغا بوھتان چاپلىغان. لېكىن ئۇ سەلبىي تەرەپتىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنى تەتقىق قىلىشتا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.