Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيە - سىيام شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
英暹条约
yīng xiān tiáo yuē
1855-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگلىيىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيىسى جون بوۋرىڭ (1792 - 1872) سىيام (ھازىرقى تايلاند) پادىشاھ راما Ⅳ نى مەجبۇرلاپ باڭگوكتا ئىمزالىغان تەڭسىز شەرتنامە. ئاساسىي مەزمۇنى مۇنداق: (1) ئىنگلىزلارنىڭ سىيامدا ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى ۋە سودا ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدۇ؛ (2) ئەنگلىيە سىيامدا كونسۇللارنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ (3) ئەنگلىيە ماللىرىنى كىرگۈزۈش چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ، ئۇنىڭ ئىمپورت باج نىسبىتى ئۈچ پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتمەدۇ؛ (4) ئەنگلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ مېنام دەرياسى ئېغىزىغا كىرىپ، بېيلەن قورولىدا توختىتىشىغا يول قويۇلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. 1856-يىلى ئەتىيازدا يەنە 12 ماددىلىق پەۋقۇلئاددە كېلىشىم ئىمزالاپ بۇ شەرتنامىنىڭ تولۇقلانمىسى قىلغان. ئۇنىڭ بىر ماددىسىدا ئىنگلىزلارنىڭ ياۋروپا ۋە ئاسىيانىڭ ھەرقانداق رايونىدىن سىيامغا كىرىشىگە يول قويۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا - فرانسىيە قاتارلىق 13 دۆلەت ئارقا - ئارقىدىن بۇنىڭغا تەقلىت قىلغان. شۇنىڭ بىەن سىيام يېرىم مۇستەملىكىگە ئايلانغان.