Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيە - فرانسىيە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
英法协约
yīng fǎ xié yuē
ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىچىلىك مەنپەئىتىنى ماسلاشتۇرۇغان شەرتنامە. 1904-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى لوندوندا ئىزالانغان. بۇ، نىيوفائوندلېند ۋە غەربىي ئافرىقا توغرىسىدىكى كېلىشىم، شۇنداقلا سىيام توغرىسىدىكى ۋە مىسىر، مەراكەش توغرىسىدىكى ئىككى خىتابنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (1) نىيوفائوندلېند ۋە غەربىي ئافرىقا توغرىسىدىكى كېلىشىمدە: فرانسىيە نىيوفائوندلېند قىرغاقلىرىدا بېلىق تۇتۇش مونوپوللۇق ھوقۇقىدىن ۋاز كچىدۇ، گامبىيە دەرياسىنى بويلاپ ئەركىن قاتناش ھوقۇقىغا ۋە لو ئارىلىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. (2) سىيام توغرىسىدىكى خىتابنامىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمى ئەنگلىيىگە، شەرقىي قىسمى فرانسىيىگە بۆلۈپ بېرىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت. (3) مىسىر ۋە مراكەش توغرىسىدىكى خىتابنامىدە: فرانسىيە مىسىرنى ئەنگىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەنگلىيىمۇ مەراكەشنى فرانسىينىڭ تەسىر دائىرىسى دەپ ئېتىراپ قلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ئافرىقىدكى ئۇزاق ۋاقىتلىق تالىشىشى ئاياغلاشقان، ئۇ ئانتانتا دۆلەتلەرنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىغان.
دۇنيا تارىخى
英法协议
yīng fǎ xié yì
(1) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە غەربىي ئافرىقىدىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا 1898-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىم. بۇ كېلىشىم ئىككى دۆلەتنىڭ نېگر دەرياسى بىلەن چاد كۆلى رايونىدىكى مۇستەملىكىسىنى رەتكە سالغان، فرانسىيە ئۆزىنىڭ ئىشالىيىتىدىكى داھومىي بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق سوداننى تۇتاشتۇرغان. ئەنگلىيە نېگىر دەرياىسنىڭ قاتنىغىلى بولىدىغان بۆلىكى ۋە چاد كۆلىنىڭ شەرقىدىكى ئىقتىسادىي جەھەتتە قىممەتكە ئىگە رايوننى قولغا كەلتۈرگەن. (2) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە شەرقىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى تەسىر داىئرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا 1899-يىل 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىم كېلىشىمىدە فرانسىيە نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا بولغان تەلىپىدىن ۋاز كېچىش، لېكىن شىمالىي ئافرىقىدىكى بېقىندى بىلەن فرانسىيىگە قاراشلىق غەربىي ئافرىقىنى تۇتاشتۇرۇش؛ ئەنگلىيە سودانغا ئىگە بولۇش، پۈتۈن نىل درياسى ۋادىسىنى ئىگىلەش ھەمدە مىسىر بىلەن ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ئافرىقىدىكى زېمىنلىرىنى تۇتاشتۇرۇش بەلگىلەنگەن. (3) ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىر دائىرىسىنى ئايرىش توغرىسىدا 1896-يىل 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىمزالىغان كېلىشىم. كېلىشىمدە ئىككى تەرەپ سىيامنىڭ مۇستەقىللىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ دۆلەتتە ئالاھىدە ئورۇننى كۆزلەشكە يول قويماسلىق؛ مېكۇنگ دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى رايون فرانسىيىگە تەۋە بولۇش، ئەنگلىيە بىرما ۋە مالايادىكى ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە ھەقىقىي كېپىللىك قىلىش بەلگىلەنگەن.