Uyghur←ChineseMain Dictionary
ئەنگلىيە - فرانسىيە - روسىيە كېلىشىمى
دۇنيا تارىخى
英法俄协议
yīng fǎ é xié yì
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت كونستانتىنوپول بىلەن قارا دېڭىز بوغۇزىنى رۇس ئىمپېرىيىسىگە قوشۇۋېتىش توغرىسىدىكى مەخپىي كېلىشىم تۈزۈش داۋامىدا ئەنگلىيە، فرانسىيە تەشەببۇسكار ئورۇنداپ تۇرۇپ، روسىينى ئۆزىگە تارتىش ئارقىلىق ئانتانتا دۆلەتلەر گۇرۇھىنى مۇستەھكەملىمەكچى بولغان. كېلىشىم تۆۋەندىكى ھۈججەتلەردىن تەركىب تاپقان: (1)روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ ئەنگلىيە، فرانسىيىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە ئەۋەتكەن مىمراندومى (1915-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى)؛ (2) ئەنگلىيە باش ئەلچىسىنىڭ روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىگە ئەۋەتكەن مېمۇاندومى (1915-يىل 3-ئاينىڭ 12-كۈنى)؛ (3) روسىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرىنىڭ ئەنگلىيە باش ئەلچىسىگە ئەۋەتكەن مىمراندومى (1915-يىل 3-ئاينىڭ 22-كۈنى)؛ (4) فرانسىيە باش ئەلچىخانىسىنىڭ روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە يوللىغان ئاغزاكى نوتىسى (1915-يىل 4-ئاينىڭ 10-كۈنى).