UyghurMain Dictionary
ئېدىرلىق
يەر يۈزى قىياپىتى
ئېدىرلىق قۇرۇقلۇقتىكى ئېگىز - پەسلىك پەرقى ئانچە چوڭ بولمىغان تۇتاش كەتكەن ئېگىز يەرلەردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئادەتتە200 مېتىردىن يۇقىرى،500 مېتىردىن تۆۋەن بولىدۇ. يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنى تۆپىلىك، تۆپىلىك توپى ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەنلىرى ئېدىرلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئېدىرلىقلار ئادەتتە ئۇششاقلىنىپ پارچىلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئومۇرتقىلىرى ئېنىق ئەمەس. ئۈستى قىسمى دۈگىلەك ھالەتتە، يانتۇلۇقى بىرقەدەر كىچىك بولىدۇ، ئۇ تاغلىقلارنىڭ ئۇزاق ۋاقىت يىمىرىلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.
يەر قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى جەريانىدا، ئېدىرلىقلار تاغلىقلاردىن تۈزلەڭلىكلەرگە ئۆتۈشتىكى ئارىلىق باسقۇچ ھېسابلىنىدۇ. يەر شەكلىنىڭ ئورنىدىن قارىغاندا، ئېدىرلىقلار كۆپىنچە تاغلىقلار ياكى ئېگىزلىكلەر بىلەن تۈلەڭلىكلەرنىڭ ئۆتكۈنچى بەلۋېغىغا جايلاشقان. ئەمما ئاز ساندىكى ئېدىرلىقلار چوڭ تۈزلەڭلىكلەر ئىچىدە كۆرۈلىدۇ. ئىقلىمنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن تەھلىل قىلساق، كۆپ يامغۇرلۇق رايونلاردىكى ئېدىرلىقلار ئاز يامغۇرلۇق رايونلارنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. تۇتاش كەتكەن ئېگىز - پەس ئېدىرلىقلار خۇددى يەر يۈزىگە قويۇپ قويغان غايەت زور چوڭ ھور نانغا ئوخشايدۇ.
ئېدىرلىقلار قۇرۇقلۇقتا ناھايىتى كەڭ تارقالغان. ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەممىسىدە كەڭ كۆلەملىك ئېدىرلىق بەلۋاغلىرى بار. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاپالاچې تېغى بىلەن بەش چوڭ كۆلنىڭ ئارىسىدا بىر پارچە ئېدىرلىق رايونى بار. جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئامازون تۈزلەڭلىكى بىلەن برازىلىيە ئېگىزلىكى ئۇچرىشىدىغان بەلۋاغدا چوڭ دائىرىلىك ئېدىرلىقلار تارقالغان. ياۋروپادا فرانسىيىنىڭ شەرقىدىكى جۇرا تېغىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن، فرانكفورتقىچە بولغان بەلۋاغنىڭ ھەممىسىگە ئېدىرلىق جايلاشقان. مەملىكىتىمىزمۇ ئېدىرلىقلىرى كۆپ بولغان دۆلەت، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئېدىرلىقلارنىڭ كۆلىمى1 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ10 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. داڭلىق ئېدىرلىقلاردىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېدىرلىق، فۇجيەن - جېجياڭ ئېدىرلىقى، شەندۇڭ ئېدىرلىقى ۋە لياۋدۇڭ ئېدىرلىقى قاتارلىقلار بار.
ئېدىرلىق رايونلارنىڭ ھۆل - يېغىن مىقدارى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، ھەر خىل ئىقتىسادىي دەل - دەرەخلەر بىلەن مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ، شۇنداقلا كۆپ خىل ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئېدىر كۆپ شەكىللەنگەن، ئېدىر كۆپ جاي.
تىك كۆتۈرۈلگەن قۇياشنىڭ تەپتىدە ئېدىرلىق قىزىپ كەتكەنىدى.