UyghurMain Dictionary
ئېدوباكو شوگونلۇقى
دۇنيا تارىخى
توكۇگاۋا شوگونلۇقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپونىيە توكۇگاۋا ئىياسۇنىڭ ئېدو (ھازىرقى توكيو) دا قۇرغان فېئودال ھاكىمىيەت ئاپپاراتى. 1603 - يىلى (ياپونىيە يوشىناگا 8 - يىلى) توكۇگاۋا ئىياسۇ ياۋلارغا جازا يۈرۈش قىلغۇچى باش سىياگۇن بولۇپ، ئېدو شەھىرىدە شوگنات تەسىس قىلغان مەزگىلدىن باشلاپ، تاكى 1867 - يىلى توكوگاۋا ئىسنوبۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگىچە بولغان جەمئىي 265 يىلى ۋاقىت داۋام قىلغان. توكۇگاۋا جەمەتىگە بىۋاستە تەۋە بولغان زېمىندىن ئېلىنىدىغان باج خىراج 7 مىليون دەنگە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت باج خىراج ئومۇمىي سانىنىڭ 3.22 پىرسەنتىنى ئىگىلىگە، ئۇ، يەنە پۇل تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇۋالغان ھەمدە ماچىلار (سودا - سانائەتچىلەر) دىن باج يىغىۋالغان، كۈچلۈك ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن باشقا تۆرىلەرنى بېسىپ چۈشكەن. تۆرىلەر توكوگاۋا ئىياسۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن - يىراقلىقىغا قاراپ، يېقىن ۋاسسال تۆرىلەر، نەسەبداش تۆرىلەر (ئەسلىدىكى بېقىندىلار)، يات تۆرىلەر (سېكىخارا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئەل بولغانلار) دەپ ئۈچ خىلغا تۆرىلەر بەلگىلىك ۋاقىتتا ئېدوغا كېلىپ، سىياگوننى زىيارەت قىلىپ تۇراتتى، ھەربىي خىزمەت، سېلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەمدە ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنى بارىمتاي قىلىپ ئېدودا تۇرغۇزۇشى كېرەك ئىدى. شۇ ئارقىلىق بىر يۈرۈش باكۇ شوگنات ۋاسساللىقى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان. باكو شوگناتلىقى 3 - ئەۋلاد سىياگۇن ئىمسو دەۋرىدە پەيدىنپەي مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. سىياگوننىڭ قول ئاستىدا بىر نەپەر كەنجى ئاقساقال بولۇپ، باكۇ شوگناتىنىڭ بېقىندىلىرىغا قوماندانلىق قىلغان. ئوتتۇرانچى ئاقساقالنىڭ قول ئاستىدا شەھەر ھاكىمىيەت ئىجراچى، چارلاپ تەكشۈرۈش ئىجراچى تەسىس قىلىنغان، بۇنىڭدىن باشقا ئىبادەتخانا مۆتىۋەللىلىرى ئۇيۇشمىسى ئىجراچى بولۇپ، بىۋاستە سىياگۇنغا قارىغان. خان جەمەتى بىلەن كىنكىنىڭ غەربىدىكى تۆرىەر ئۈستىدىن نازارەت قىلىش ئۈچۈن كىيوتودا مەھكىمە ۋاكالەتچى قويۇلغان. بىۋاستە قاراشلىق سامۇرايلاردىن تۇغلۇق، ئولاقچى، خانلىق سامۇرايلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىملىرى بىلەن قوشۇلۇپ <سەككىز تۈمەن تۇغلۇق چەۋەنداز> لار دەپ ئاتالغان. ھەربىي كۈچى جەھەتتىن باشقا ۋاسساللارنى بېسىپ چۈشكەن. جۇڭگولۇق جۇشىينىڭ ئەقىدىلىرىنى فېئودال ھۆكۈمرانلىقنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى قىلغان. يەرلەرنى داۋاملىق ئۆلچەپ چىقىپ، كەنتنى بىرلىك قىلغان ھالدا باج - خىراجنى بەلگىلىگەن، <بەش كىشىلىك گۇرۇپپا> (مەھەللە كېپىللىك تۈزۈمى)نى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى يەرگە كىشەنلەپ قويغان. ⅧⅩ ئەسرىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، مالىيەسى قىيىنلىشىپ، ئېكسپىلاتاتسىيەنى كۈچەيتكەن، دېھقانلار ئۈزلۈكسىز قوزغىلاڭ قىلغان. كىيۆخو ئىسلاھاتى (1716 - 1745)، خېروماسا ئىسلاھاتى (1787 - 1793) ۋە ئاماموكسىئۇ ئىسلاھاتى (1841 - 1893) قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ئۈنۈم بەرمىگەن. سىرتقا قارىتا جۇڭگو بىلەن گوللاندىيىدىن باشقا ئەللەرگە قارىتا 1616 - يىلىدىن باشلاپ دۆلەتنى قامال قىلىش سىياسىتىنى قوللانغان، كاتولىك دىنىي مۇرىتلىرىنى باستۇرغان. 1804 - يىلى چارروسىيە ئەلچىلىرى ناگاساكىغا يېتىپ كەلگەن. 1853 - يىلى ئامېرىكا فلوتىمۇ ياپونىيىگە كەلگەن. باكۇ شوگناتىنىڭ ئۇدا چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامىلەرنى ئىمزالىشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋاسساللاردىكى تۆۋەن دەرىجىلىك سامۇرايلار بىرلىشىپ، باكۇ شوگناتلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بېسىمى بىلەن، 1867 - يىلى 15 - ئەۋلاد سىياگۇن توكۇگاۋا ئىسنوبۇ ھاكىمىيەتنى تېننوغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبور بولغان. تېننو ئىسنوبۇنى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، زېمىنلىرىنى تاپشۇرۇشقا بۇيرۇغان. ۋۇچىن ئۇرۇشى داۋامىدا ئىسنوبۇ مەغلۇپ بولغان، ئېدوباكۇ شوگۇنلۇقى ئاخىرى گۇمران بولغان.