UyghurMain Dictionary
ئېدېس پاشسى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
پاشىنىڭ بىر خىلى. يېتىلگىنىنىڭ رەڭگى قارا ياكى قوڭۇر، پۇتىدا ئاق رەڭلىك يوللىرى بولىدۇ، قانىتىدا داغلىرى بولمايدۇ. توختىغاندا تېنى توختىغان جايدىكى تەكشىلىك بىلەن پاراللېل ھالەتكە كېلىدۇ. لىچىنكىسى ۋە قورچىقى دەرەخ كامارلىرى ۋە ئويمان جايلاردىكى يىغىلىپ قالغان سۇ كۆلچەكلىرىدە ياشايدۇ. تۇخۇمى سۇ ئاستىغا تارقاق ھالەتتە تىنىپ قالىدۇ. ئادەتتە ئۇ تارقىلىشچان B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ۋاستىچىسى ھېسابلىنىدۇ.