UyghurMain Dictionary
ئارىلاشما
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىككىدىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەردىن تەركىب تاپقان.
ئارىلاشما ئوغۇت. ئارىلاشما ماددا.
ئەتراپتىكى مانتا ساناش، مېھمان چاقىرىشلار بىلەن قىڭراق، ساپلىقلارنىڭ ئارىلاشما ئاۋازلىرى ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ تۇراتتى.
ئى. تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ، ماددىلارنىڭ بىرىكىشىدىن، قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات.
ئۇلار پولات، چويۇن ۋە باشقا ئارىلاشمىلارنى ھەرخىل نىسبەتتە تەڭشە سىناق قىلىشقا باشلىدى.