UyghurMain Dictionary
ئارىلىقⅠ
ئارىلىقⅠ[يەشمىسى:] ① [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] نەرسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى جاي، مۇساپە، بوشلۇق:[مىسال:] ئۇلار چەشلەرنىڭ ئەتراپىغا ئارىلىقىنى بىر گەزدەك قالدۇرۇپ ئادەم بويى مەڭگەن دۆۋىلىدى.[يەشمىسى:] ② [سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ئىككى ۋەقە، ھادىسە ياكى پەيت ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىت، پۇرسەت:[مىسال:] شام بىلەن خۇپتەن ئارىلىقىدا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن قاسىم يەنە ئالدىنقى كۈنگە ئوخشاش قاپىقىنى ئاچماستىن تاڭنى ئاتقۇزدى.[يەشمىسى:] ③ [سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ئوتتۇرا:[مىسال:] ئارىلىق ھادىسە. ئارىلىق مېڭە.