UyghurMain Dictionary
ئارىكا ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ⅨⅩ ئەسىردە يۈز بەرگەن ھىندىستاندىكى ئىسلام دىنى ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى سەئىد ئەھمەدخان قوزغىدى. 1857 - يىلى ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ھالى كۈنسايىن ناچارلاشتى. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، سەئىد ئەھمەدخان <ئىدراك> ۋە <ئەمەلىي پايدا> پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بىر قاتار ئىسلاھات پائالىيەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلدى. دىنىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىسنى راتسىئونالىزم ۋە ناتورالىزم بويىچە چۈشەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلدى. ئىسلام دىنى بىلەن ئىدراك ۋە پەن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى مۇرەسسە قىلدى؛ دەۋرگە ماس كەلمەيدىغان كونا ئادەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، غەربنىڭ مەدەنىيلىكىنى قوبۇل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. سىياسىي ساھەدە ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇسۇلمانلارغا مەسىلىلەرنى ئەھۋالنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ كۆزىتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. تەربىيە ساھەسىدە دىنىي تەربىيە ئورنىغا دىندىن تاشقىرى مائارىپنى دەسسىتىشنى، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھازىرقى زامان مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇۇرپ، ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلىق، قالاقلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ نېگىزلىك يولى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. مۇشۇ مەقسەتتە 1864 - يىلى پەننىي جەمئىيەت قۇرۇپ، غەربنىڭ پەننىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. 1868 - يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مائارىپ كومىتېتلىرى قۇردى. 1875 - يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى <ئۈلگە> قىلىپ، شىمالىي شتاتتىكى ئارىكادا مۇسۇلمانلارنىڭ شەرق ئىنستىتۇتىنى قۇرۇپ، كېيىن ئۇنى مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەرەققىي قىلدۇردى. ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتۇش تىلى قىلىپ، دىن ۋە تەبىئىي پەنلەر توغرىسىدا دەرس ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىدىيىنى ئازاد قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي دۇنيا قاراش ۋە رېئالىستىك سىياسىي پوزىتسىيە تىكلىشىگە ياردەم بەردى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى كونىلىققا يېپىشىۋالىدىغان ئۆلىمالارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. بۇ ھەرىكەت مۇسۇلمان زىيالىيلىرى ئىچىدە ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلىپ، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ھەرىكىتىگە ۋە پاكىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بىر تۈركۈم تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈپ بەردى.