UyghurMain Dictionary
ئاپلا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مودال سۆز: ئەپسۇسلانغان، پۇشايمان قىلغاندا ئېيتىلىدۇ.
ئەتتەڭ، ئۇ كۈنى بارماي خاتا قىلىپتىمەن. نادانغا ئېيتقان ئىست سۆزۈم، ئۆلۈككە يىغلىغان ئىست كۆزۈم. ئىسىت، ئۇنى ئالغان بولسام بوپتۇكەن. بىر ئىسىتتىن بىر ئەقىل قوشۇلار. گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار، ساقالنىڭ تېگىدە خەپ. ئۇنىڭ گېپى يالغانىكەن، خەپ، ئۇنىڭ گېپىگە كىرمىسەم بولغانىكەن. ئاھ دەرىخ، يارىمدىن ئايرىلار بولدۇم. ئاپلا، بۇ يەرگە كەلمىسەم بوپتۇكەن. ئاپلاھۇئەكبەر، سۆزۈڭگە كىرمەي، مۇشۇ ھالغا چۈشتۈم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
كۈتۈلمىگەن ۋەقە - ھادىسىدىن تەئەججۈپلىنىش ۋە پۇشايمان قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ.
ئاپلا، خوشلىشالماي قاپتىمەن - دە.
ئېچىنىش، قايغۇرۇش، ھېسداشلىقنى ئىپادىلەيدۇ.
- ئاپلا! - دەۋەتتى زەينەپ چوڭقۇر ئېچىنغان ھالدا، - ئەتىيازدا قۇرغاقچىلىق، كۈزدە بولسا سۇ ئاپىتى.
غەزەپ، خاپىلىقنى بىلدۈرىدۇ.
- ئاپلا! - دەپتۇ ئوتۇنچى غەزەپ بىلەن چىشىنى چىشلەپ.