UyghurMain Dictionary
ئاپرېل تېزىسلىرى
دۇنيا تارىخى
1917-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 4-كۈنى) لېنىننىڭ تاۋرىيە سارىيىدا ئىچىلغان بولشېۋىكلار يىغىنىدا قىلغان <پرولېتارىياتنىڭ بۇ قېتىمقى ئىنقىلابتىكى ۋەزىپىلىرى توغرىسىدا> دېگەن دوكلاتى. ئاپرېلدا ئېلان قىلىنغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇ تېزىستا بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئۈچۈن بۇردۇئا دېموكراتىك ئىنقىلابىدىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈشنىڭ لۇشيەنى ۋە پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھاكىمىيەتنىڭ چوقۇم پرولېتارىيات ۋە كەڭ نامرات دېھقانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشى لازىملىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆتكۈنچى ئۇسۇلنىڭ: پومېشچىكلارنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش، بارلىق يەرلەرنى دۆلەت ئىگىلىكىگە ئۆتكۈۈۋېلىش، ھەممە بانكىلارنى بىرلەشتۈرۈپ دۆلەتلىك بىر بانكا قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا سوۋېت نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن. سىياسىي جەھەتتە: پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەتتىن سوۋېت جۇمھۇرىيىتىگە ئۆتۈش ئىكەنلىكى بەلگىلەپ بېرىلگەن. سوۋېت جۇمھۇرىيىتىنىڭ كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشتىن ئىبارەت ئۆتكۈنچى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات شەكلى ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ <سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى> دېگەن نامنى چۆرۈۋېتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىگە ئۆزگەرتىش ۋە ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال قۇرۇش تەكلىپ قىلىنغان. <ئاپرېل تېزىسلىرى> بولشېۋىكلار پارتىيىسى بىلەن خەلقنى سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈشنىڭ توغرا لۇشيەنى بىلەن قوراللاندۇرغان بولۇپ، مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھۆججەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.