UyghurMain Dictionary
ئاپوللونىيە
دۇنيا تارىخى
(1) قەدىمكى ئىللىرىيە (بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمى) دىكى شەھەر. ئادرىياتىك دېڭىزىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، ئائوس دەرياسى ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. يۇنانا شەھەر دۆلەتلىرى كورىنف ۋە كورسىرا تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان، كېيىن تەرەققىي قىلىپ شۇ ئەتراپتىكى سودا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى داڭلىق شەھەرگە ئايلانغان. ئىتالىيىدىن كېمە بىلەن يۇنانغا بېرىشتا دائىم ئاپوللونىيىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ - ئەسىردە رىم تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ئوكتاۋىيان (ئىمپېراتور ئاۋگوست) ياش ۋاقتىدا بۇ شەھەردە ئوقۇغان. (2) فراكىيىدىكى قەدىمكى شەھەر. قارا دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. يۇنان شەھەر دۆلىتى مىلېتنىڭ كولۇنىيىسى. بۇ شەھەردە ئىقتىدا قىلىنىدىغان ئاپوللون ئىبادەتخانىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا قەدىمكى زامان دۇنياسىدا يەنە ئاپوللونىيە دەپ ئاتىلىدىغان بىر قانچە شەھەر بولغان. ئۇلار ماكېدونىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى (كولخىدا يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمى)، كىچىك ئاسىيادىكى بىتىنىيە، شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى كىرېنائىكانىڭ دېڭىز بويلىرى، پەلەستىن دېڭىز بويلىرى (كېسارىيە بىلەن ئىئوردا ئوتتۇرىسىدا)، سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ شىمالىي قىرغىقى قاتارلىقلار.