UyghurMain Dictionary
ئامېرىكا مەسچىتلەر مۇدىرىيىتى
Domain: ئىسلام ئاتالغۇلىرىئامېرىكىدا مەسچىت ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغان مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلات بولۇپ، مەقسىتى: ئامېرىكىدا مەسچىت سېلىش، زىننەتلەش، قوغداشقا ئىلھام بېرىش، ئامېرىكا بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەسچىتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە دىنىي تەرغىبات ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى جەلپ قىلىشتىن ئىبارەت. ئىسلام دىنىغا دائىر كىتابلارنى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرىنى ساتىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.