UyghurMain Dictionary
ئامېرىكا كانادا ئىسلام جەمئىيىتى ئىتتىپاقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىسلام دىنى تەشكىلاتى بولۇپ، 1954 - يىلى ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھىرىدە قۇرۇلدى. ئۇنىڭ ئاساسى 1952- يىلى ئىئوۋا شتاتىدا قۇرۇلغان ئامېرىكا ئىسلام جەمئىيىتى ئىتتىپاقى ئىدى. بۇ ئىتتىپاقنى ئابدۇللا ئىگرەم قۇردى ۋە ئىتتىپاق رەئىسى بولدى. مەقسىتى: ئىسلام مەدەنىيىتىنى جارى قىلدۇرۇش، ئىسلام ئېتىقادىنى تەشۋىق قىلىش، ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا ئىماملار مۇدىرىيىتى، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، دۇنيا ئىسلام كېڭىشى، ئىسلام ئىشلىرى ئالىي مۇدىرىيتى (قاھىرە) قاتارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ.