UyghurMain Dictionary
ئامېرىكا ۋە كانادا مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان خەلقئارا تەڭشەش - ماسلاشتۇرۇش تەشكىلاتى بولۇپ، 1962 - يىلى قۇرۇلدى. باش ئورگىنى ئامېرىكىنىڭ ئىندىئاننا شتاتىدىكى پلاينفيلدتا. مەقسىتى: شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئۇلارغا دىنىي تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى ئىسلام روھىنى ساقلاپ قالىدىغان، ئۆز ئېتىقادىنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدىغان قىلىشتىن ئىبارەت. ئامېرىكىنىڭ شەرقىي، غەربىي، ئوتتۇرا قىسىملىرىنى ۋە كانادادىكى تۆت رايوننى پائالىيەت مەركىزى قىلدى. ھەر بىر رايوندا نۇرغۇن شۆبە ئۇيۇشمىلارنى تەسىس قىلدى. ھەر يىلى شىمالىي ئامېرىكا رايونى بويىچە، مەملىكەت بويىچە ياكى يەرلىك يىغىنلارنى ئېچىپ، ئىسلام دىنى ئەقىدىسىگە ۋە ئەمەلىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ نەشرىياتى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا دائىر ئەسەرلەرنى نەشر قىلىپ باسىدۇ. ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە كۇرس ئېچىپ تۇرىدۇ.