UyghurMain Dictionary
ئامېن سۈلۈكى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى تەسەۋۋۇپچى قادىرىيە ئېقىمىغا مەنسۇپ سۈلۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب مۇھەممەد نۇرىددىن 8511 - يىلىدىن 1862 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا لەنجۇغا كېلىپ، دىن تەرغىپ قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندا مۇسۇلمانلار يىراق ۋە مۇقەددەس يەردىن كەلگەن بۇ كىشىنى تەنتەنىلىك ئۇزىتىپ، لەنجۇدىكى فەنجاباغا دەپنە قىلىپ، ئۇنىڭغا ئاتاپ گۈمبەز سېلىپ، گۈمبەزنى ئامىن قۇببىسى (گۈمبىزى) دەپ ئاتىغان. گۈمبەزنى يوقلايدىغانلار كۆپ ئەمەس. پەقەت ھەر يىلى روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتا بەزى مۇسۇلمانلار يوقلاپ تۇرىدۇ. بۇ سۈلۈككە ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى لەنجۇدا.