UyghurMain Dictionary
ئانا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . بالىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى تۇغقان ئايال.
ئاناڭ ئۆرگۈلىسۇن. * ئانام قازناقتا يوق (ماقال). * ئانا ئايىغى جەننەت (ماقال). * ئانا سۈتىدىن ھالال (مەتەل).
2 . ئانا دېمەتلىك ئاياللارمۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن «ئانا» دېيىلىدۇ. ئۆگەي ئانا، قېيىن ئانا، تۇغۇت ئانىسى. * ئايىمخان ئانا _ ھۆرمەتلىك ئايال.
3 . مەخسۇس ئېتى بولمىغان چىشى ئۇچار قاناتلار، ھايۋانلار. ئانا كەپتەر. * ئانا قۇشقاچ پاتقان كاماغا بالا قۇشقاچ پاتماپتۇ (ماقال). * ئانا توشقان. * ئانىسى تەپكەن موزاينىڭ جېنى ئاغرىماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئالماش. كۆرسىتىش ئالمىشى.
ئانا، بالىلار كۆڭۈللۈك ئوينىشىۋاتىدۇ. * ئۇ ئانا - مانا دەپ ئىشنى كەينىگە سۈردى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە، پارىسچە
ئانا مەكتەپ
شىنجاڭ داشۆ
شىنجاڭ داشۆ
شىنجاڭ داشۆ
شىنجاڭ داشۆ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تۇغقان، بالىلىق بولغان ئايال؛ ئەڭ قەدىرلىك نەرسىگە تىمسال.
«ئىنە» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «ۋالىدە» كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئىستېمالدىن قالغان، ئارخائىزم.
ئانا مەكتەپ. ئانا ۋەتەن. ئانا تىل. ئانا يېتىم _ گۈل يېتىم، ئاتا يېتىم _ كۈل يېتىم. ئاناڭغا رەھمەت. ئانا كۆرۈپ قىز ئال. ئانا ئايىغىدا جەننەت بار. تاپقان ئاناڭ ئەمەس. باققان ئاناڭ. ئانا بىر قولى بىلەن ئۇرىدۇ، بىر قولى بىلەن كېپەككە ساتىدىكەنمەن. ۋالىدە ۋالىيدىن چوڭ، ۋەلىدىن ئۇلۇغ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئانا.
1 - 125
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەرزەنتلىك ياكى بالا - چاقىلىق ئايال كىشى (ئۆز - بالىلىرىغا نىسبەتەن).
ئۆز ئانا. ئۆگەي ئانا.
ئانا ئايىغىدا جەننەت بار (ماقال).
يېشى چوڭ، قېرى ئاياللارنى ھۈرمەت بىلەن چاقىرىش، مۇراجىئەت قىلىش فورمىسى.
ئانا قەيەردىن كەلدىلە؟
يېشى چوڭ، قېرى ئاياللارنى ھۈرمەت بىلەن چاقىرىشتا ياكى مۇراجىئەت قىلىشتا، ئۇلارنىڭ نامىغا قوشۇپ ئېشلىتىلىدۇ.
رەۋىخان ئانا ئۇزۇندىن بېرى نەۋرىلىرى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان گۈلە - قاقلىرى سېلىنغان سېۋىتىنى بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.
بالا تۇغقان جانىۋار.
ئانا كەپتەر، ئانا توشقان.
كۆچمە. بىرەر ئىش، ھادىسە ياكى نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىل؛ سەۋەب.
زۇكام، كېسەلنىڭ ئانىسى.
شۇ نەرسىنىڭ غوللۇق، ئاساسىي قىسمى.
ئانا ئېرىق. ئانا ئۆستەڭ. ئانا تىل.
ئانا ئورنىدا باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان، ياردەملىشىدىغان، ياخشىلىق قىلىدىغان ئايال كىشى.
ئانا بولماق. تۇغۇت ئانىسى.
بەزى رايونلاردا Ⅲ شەخس قوشۇمچىسى (- سى) قوشۇلۇپ ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىنى چارقىرىشنى بىلدۈرىدۇ.
ھوي ئانىسى، سىلە نەدە؟
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
ئانىخان، ئانىقىز، ئانىگۈل
بۇ ئىسمىدا ئانا ئۇلۇغلانغان