UyghurMain Dictionary
ئامان ئېسەن
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ساق - سالامەت، غەم - ئەندىشىدىن خالى.
تىنچسىز، خېيىم - خەتەر
خەۋپلىك ھالەت، غەم - ئەندىشە.
قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈك تىنچ. ئەل ئامان - شەھىرىڭ ئامان. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگىرويىڭ سامان بولماس. ئۆتكەن كۈنۈڭ ئېسىڭدە بولسا، ئېسەن بولىسەن. باش ئامان بولسا، دوپپا تېپىلار. تىنچسىز ئۆتكەن كۈن كۈن ئەمەس. خېيىم - خەتەر كۆز بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ساق - سالامەت.
شاھى ماران ئوغلىنىڭ ئامان - ئېسەن كەلگەنلىكىگە تازىمۇ خۇشال بولۇپتۇ.