UyghurMain Dictionary
ئامانلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىنچ - ئامان، ساق - سالامەت ھالەت.
ئامانلىق تىلىسەڭ، ئامالىنى قىل. ئېسەنلىك ئېسىڭدە بولسا، يامانلىقتىن ساقلىنىسەن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش يوق، خەۋپ _ خەتەردىن خالىي ھالەت.
دۇنتا تىنچلىقىنى قوغداش. تىنچلىق _ پۈتۈن ئەلنىڭ مەنپەئىتى. تىنچلىق دېسەڭ، جەڭگە تەييار تۇر. تىنچ _ ئامانلىقنىڭ قەدىرىنى بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتكەن بىلەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
جەڭگى - جېدەلسىز، بەخىرامانلىق، ساق - سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھالەت.
تىنچسىزلىق، مالىمانچىلىق، پاراكەندىچىلىك، ئەنسىزچىلىك ، خېيىم - خەتەرلىك
جەڭگى - جېدەل بولۇپ تۇرغان، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالغان ھالەت.
تەڭگىدىن تېنچلىق قىممەت. ئەل ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى. ئېسەنلىك يادىڭدا بولسا، يامانلىقتىن ساقلىنىسەن. تىنچ - ئامانلىق سوراشماق ئەدەبتىنلا ئەمەس، ئىنساپتىن. ئامان - ئېسەنلىك ئەڭ زور دۆلەت. بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتمىگەن تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس. پاراكەندىچىلىك غۇربەتچىلىككە باشلايدۇ. بىر ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئون ئۆيدە ئەنسىزچىلىك. تىنچسىزلىق ھۆكۈم سۈرسە، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ساق - سالامەتلىك، ئېسەنلىك.
كىشىگە قىلساڭ يامانلىق، ئۆزۈڭگە تاپمايسەن ئامانلىق (ماقال).
تىنچلىق، ئاسايىشلىق، بىخەتەرلىك.
ئامانلىق بولسا يەنە كۆرۈشەرمىز.