UyghurMain Dictionary
ئاماكاسۇ ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ژاندارمىسىنىڭ ئانارخىست ئۇسۇگىئوۋىنى ئايالى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرگەن ۋەقە. 1923-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كانتون رايونىدا قاتتىق يەر تەۋرەپ، توكيو ژاندارما شۆبە ئەترەت باشلىقى، كاپىتان ئاماكوسۇ ماساھكو (1891 - 1945) قاتارلىقلار يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، 16-كۈنى كېچىسى ئوسۇگىئوۋىنى ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ھەمدە يەتتە ياشلىق جىيەتنىنى ژاندارما ئەترەتكە مەجبۇرىي ئېلىپ بارغان، شۇ كېچىسى مەخپىي ھالدا ئۆلتۈرۈپ جەسىتىنى قۇرۇق قۇدۇققا تاشلىۋەتكەن. ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاماكاسۇ پەقەت 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئۈچ يىلدىن كېيىن كەچۈرۈم قىلىنىپ تۈرمىدىن چىققان.