UyghurMain Dictionary
ئاللانىڭ ئون ئەمرى
بىئولوگىيە
<قۇرئان كەرىم> دە مۇسۇلمانلارغا قارىتا بەلگىلەنگەن ئون غەيرۇل مەشرۇئ يەنى (1) ئاللادىن باشقا ئىلاھقا ئىبادەت قىلماسلىق؛ (2) ئاتا - ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىشنى چەكلەش؛ (3) پەرزەنتىنى ئۆلتۈرۋېتىشنى چەكلەش؛ (4) يامانلىققا يېقىنلىشىشنى چەكلەش؛ (5) ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلەش؛ (6) يېتىمنىڭ ھەققىنى يەۋېلىشنى چەكلەش؛ (7) تارازىدا ئادىل بولماسلىقنى، باشقىلارغا زىيان سېلىشنى چەكلەش؛ (8) سۆزدە ئادىل بولماسلىقنى چەكلەش؛ (9) ئاللاغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئورۇندىماسلىقنى چەكلەش؛ (10) توغرا يولدىن چەتنەپ كەتمەسلىك لازىم (<قۇرئان كەرىم> دىكى 4 - سۈرىنىڭ 36 - ئايىتىنى، 6 - سۈرىنىڭ 151 -، 152 -، 153 - ئايەتلىرىنى، 7 - سۈرىنىڭ 22 - ئايىتىدىن 39 - ئايىتىگىچە بولغان ئايەتلەرنى ئوقۇسىڭىز ئاللانىڭ بۇ ئون ئەمرىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى بىلىسىز).