UyghurMain Dictionary
ئاللانىڭ توقسان توققۇز گۈزەل ئىسىم سۈپەتلىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1) ئەللاھ (ھەقىقىي، بىردىن بىر ئىلاھ) (2) رەھمان (شەپقەتلىك پەرۋەردىگار)، (3) رەھىم (مېھرىبان پەرۋەردىگار)، (4) مەلىك (ھوقۇقلارنى تۇتۇپ تۇرغۇچى پەرۋەردىگار)، (5) قۇددۇس (مۇقەددەس، پاك پەرۋەردىگار)، (6) سەلام (خاتىرجەملىك ئاتا قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (7) مۇئمىن (ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار)، (8) مۇھەيمىن (نازارەت قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (9) ئەزىز (ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار)، (10) جەببار (كۈچلۈك پەرۋەردىگار)، (11) مۇتەكەبىر (ھۆرمەتلىك پەرۋەردىگار)، (12) خالىق (مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار)، (13) بارئو (دۇنيانى پەيدا قىلغان پەرۋەردىگار)، (14) مۇسەۋۋىر (مەۋجۇداتلارنى سۈرەتكە كەلتۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (15) غەپپار (كەچۈرۈم قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (16) قەھھار (ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (17) ۋەھھاب (كۆپلەپ بەرگۈچى پەرۋەردىگار)، (18) رەززاق (رىزىق بەرگۈچى پەرۋەردىگار)، (19) فەتتاھ (ئاچقۇچى پەرۋەردىگار)، (20) ئەلىم (ھەممىنى بىلگۈچى پەرۋەردىگار)، (21) قابىز (ھەممىنى تېزگىنلىگۈچى پەرۋەردىگار)، (22) باسىت (خۇشاللىق بېغىشلىغۇچى پەرۋەردىگار)، (23) خافىز (پەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (24) رافىئ (يۇقىرى كۆتۈرەۈچى پەرۋەردىگار)، (25) مۇئىزز (كىشىنى ئەزىز قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (26) مۇزىلل (كىشىنى خار قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (27) سەمىئ (ھەممىنى ئاڭلىغۇچى پەرۋەردىگار)، (28) بەسىر (ھەممىنى كۆرگۈچى پەرۋەردىگار)، (29) ھەكەم (ھۆكۈم قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (30) ئەدل (ئادىل پەرۋەردىگار)، (31) لەتىف (كۆيۈنگۈچى، مۇلايىم پەرۋەردىگار)، (32) خەبىر (چوڭقۇر بىلگۈچى پەرۋەردىگار)، (33) ھەلىم (كۆڭلى - كۆكسى كەڭ پەرۋەردىگار)، (34) ئەزىم (بۈيۈك پەرۋەردىگار)، (35) غەفۇر (كەچۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (36) شەكۇر (كۆپ مەرھەمەت قىلىدىغان پەرۋەردىگار)، (37) ئەلى (ئالىي پەرۋەردىگار)، (38) كەبىر (ئۇلۇغ پەرۋەردىگار)، (39) ھەفىز (مۇھاپىزەت قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (40) مۇقىت (بەندىگە ئوزۇق بەرگۈچى پەرۋەردىگار)، (41) ھەسىب (ھېساب ئالغۇچى پەرۋەردىگار)، (42) جەلىل (ھەيۋەتلىك پەرۋەردىگار)، (43) كەرىم (سېخى پەرۋەردىگار)، (44) رەقىب (كۆزەتكۈچى پەرۋەردىگار)، (45) مۇجىب (تەلەپنى ئىجابەت قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (46) ۋاسىئ (ئىلتىپاتى كەڭ پەرۋەردىگار)، (47) ھەكىم (ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (48) ۋەدۇد (دوست تۇتقۇچى پەرۋەردىگار)، (49) مەجىد (شەرەپلىك پەرۋەردىگار)، (50) بائىس (تىرىلدۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (51) شەھىد (گۇۋاھ بولغۇچى پەرۋەردىگار)، (52) ھەق (مەۋجۇتلۇقى شەكسىز پەرۋەردىگار)، (53) ۋەكىل (ئىشەنچىلىك پەرۋەردىگار)، (54) قەۋى (قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار)، (55) مەتىن (مۇستەھكەم پەرۋەردىگار)، (56) ۋەلى (قوغدىغۇچى پەرۋەردىگار)، (57) ھەمىد (مەدھىيلەنگۈچى پەرۋەردىگار)، (58) مۇھسى (شەيئىلەر سانىنى مۇكەممەل ئىگىلىگۈچى پەرۋەردىگار)، (59) مۇبدئى (ۋۇجۇدقا كەلتۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (60) مۇئىد (قايتا ئەسلىگە كەلتۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (61) مۇھيى (ھايات بەرگۈچى پەرۋەردىگار)، (62) مۇمىت (ئۆلتۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (63) ھەييى (مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار)، (64) قەييۇم (مەخلۇقاتنى ئىدار قىلىپ تۇرغۇچى پەرۋەردىگار)، (65) ۋاجىد (باياشات پەرۋەردىگار)، (66) ماجىد (قالتىس پەرۋەردىگار)، (67) ۋاھىد (يەككە - يېگانە پەرۋەردىگار)، (68) سەمەد (مەۋجۇداتلار تايىنىدىغان پەرۋەردىگار)، (69) قادىر (ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان پەرۋەردىگار)، (70) مۇقتەدىر (ئىقتىدارلىق پەرۋەردىگار)، (71) مۇقەددىم (ئىلگىرى قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (72) مۇئەخخىر (كېچىكتۈرگۈچى پەرۋەردىگار)، (73) ئەۋۋەل (ئەۋۋىلى يوق پەرۋەردىگار)، (47) ئاخىر (مەڭگۈ مەۋجۇت پەرۋەردىگار)، (75) زاھىر (ئاشكارا قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (76) باتىن (مەخپىي تۇتقۇچى پەرۋەردىگار)، (77) ۋالىي (تۇتاش ئىدارە قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (78) مۇتەئال (تەڭداشسىز ئالىي پەرۋەردىگار)، (79) بەردى (پاك پەرۋەردىگار)، (80) تەۋۋاب (تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (81) مۇنتەقىم (يامانلىقنى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار)، (82) ئەفۇۋۋ (كەچۈرۈم قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (83) رەئۇف (كۆيۈمچان پەرۋەردىگار)، (84) مالىكۇل مۈلكى (ھەممىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (85) زۇلجەلالى ۋەلئىكرام (ئابرۇيلۇق ۋە پازىل پەرۋەردىگار)، (86) مۇقسىت (ئادىل پەرۋەردىگار)، (87) جامىئ (مەۋجۇداتلارنى توپلىغۇچى پەرۋەردىگار)، (88) غەنى (بىھاجەت پەرۋەردىگار)، (89) مۇغنى (باي قىلغۇچى پەرۋەردىگار)، (90) مانىئ (يامانلىقنى توسىغۇچى پەرۋەردىگار)، (91) زارر (يامانلىقنى جازالىغۇچى پەرۋەردىگار)، (92) نافىئ (كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزگۈچى پەرۋەردىگار)، (39) نۇر (نۇرلۇق پەرۋەردىگار)، (94) ھادى (يېتەكلىگۈچى پەرۋەردىگار)، (95) بەدىئ (ئىجادكار پەرۋەردىگار)، (96) باقى (مەڭگۈ مەۋجۇت پەرۋەردىگار)، (97) ۋارىس (قالغان مۈلۈكلەرنى يىغىۋالغۇچى پەرۋەردىگار)، (98) رەشىد (توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى پەرۋەردىگار)، (99) سەبۇر (سەۋىرچان پەرۋەردىگار).