UyghurMain Dictionary
ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنى ئىمان كەلتۈرىدىغان ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ئەرەبچە ئەسمائۇل ھۇسنا ياكى ھۇسنا لىللاھ دېيىلىدۇ. <قۇرئان كەرىم> دە <ئاللانىڭ گۈزەل ئىسىملىرى بار، ئاللانى شۇ (گۈزەل ئىسىملىرى) بىلەن ئاتاڭلار> دېيىلگەن (7 - سۈرىنىڭ 180 - ئايىتىدىن). <قايسىنى ئاتىماڭلار (ھەممىسى ياخشىدۇر). چۈنكى ئاللانىڭ نۇرغۇن ئىسىملىرى بار....> (17 - سۈرىنىڭ 110 - ئايىتىدىن). ھەدىستە: <ئاللانىڭ 99 گۈزەل ئىسمى بار> دېيىلگەن. بۇ ئىسىملارنى <رەھىمدىل> دېگەندەك ئاللانىڭ ماھىيىتىگە مەنسۇپ بولغان گۈزەل ئىسىملارغا ۋە <شەپقەتلىك> دېگەندەك ئاللانىڭ سۈپەتلىرىگە مەنسۇپ بولغان ئىككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ؛ شۇنداقلا شەپقەتلىك شەۋكەتلىكتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىشقىمۇ بولىدۇ. يەنى بىر خىلى كىشىلەر ھەمدۇ - سانا ئوقۇيدىغان ئىسىملار، يەنە بىر خىلى كىشىلەر ھېيىقىدىغان ئىسىملار بولۇپ، بۇ ئىسىملار <قۇرئان كەرىم> دىكى سۈرە - ئايەتلەردىن چىقىدۇ. <ئاللادىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر... ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنۇچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلەردىن پاكتۇر. ئاللا (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر.، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبېھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر> (59 - سۈرىنىڭ 22 -، 23 -، 24 - ئايەتلىرى)