UyghurMain Dictionary
خۇيزۇلار
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
تاڭ ئەمدىلا يورۇشى بىلەن، ئەتراپتىكى خۇيزۇ ناخشىچىلار ليەنخۇاشەن تېغىغا ئاتلىنىشىدۇ. يولدىكى خۇيزۇ تۇرالغۇلىرىدىن ئۆتكەندە ناخشىچىلار راسا بىر مەيدان ناخشا توۋلىۋېتىپ ۋە بىر قەدەھ يالىڭاچ ئارپا ھارىقى ئىچىۋەتكەندىن كېيىنلا، يولغا چىقىشقا ئىجازەت بېرىلىدۇ. تاغقا چىقىش باشلانغاندىن كېيىن، ليەنخۇاشەن تېغى بىردىنلا ناخشا - قوشاق دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ، كەچ كىرگەندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىكى سۇپىدا، ۋاقىتلىق تىكىلگەن چېدىرلاردا، تاغ باغرى ۋە سايازلىقلاردىكى گۈلخان ئەتراپىدا ناخشا سادالىرى بەس - بەستە ياڭراپ، كېچىچە ئۈزۈلمەيدۇ، مانا بۇ گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى كاڭلې ناھىيىسى ليەنخۇاشەن تېغىدىكى «خۇائېر يىغىلىشى»، «خۇائېر» گەنسۇ، چىڭخەي ئەتراپلىرىدا نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خەلق ناخشىسى بولۇپ، خۇيزۇلار بۇ ناخشىنى بەكمۇ ياقتۇرىدۇ.
خۇيزۇ − خۇيزۇ مىللىتىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مىللەت نامى بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتنىڭ ھەممە جايلىرىدا تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇلار مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئاساسلىقى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىغا، شۇنداقلا گەنسۇ، چىڭخەي، خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. جەمئىي ئىككى ئاپتونوم ئوبلاست، ئالتە ئاپتونوم ناھىيە ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلەشكەن ئۈچ ئاپتونوم ناھىيىدە ئولتۇراقلاشقان.
خۇيزۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە دىننىڭ ئىزنالىرى چوڭقۇر بولۇپ، بوۋاق تۇغۇلغاندا ئاخۇنۇم (ئىسلام دىنىنىڭ ئاخۇنى) تەكلىپ قىلىنىپ بالىغا ئىسىم قويۇلىدۇ، توي قىلغاندا ئاخۇنۇم نىكاھ ئوقۇيدۇ، ئۆلۈم ئۇزىتىشقىمۇ ئاخۇنۇم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. مېيىتنى جەسەت ساندۇقىغا سالماستىن، بەلكى ئاق رەخت بىلەن ئوراپ يەرلىككە قويىدۇ. خۇيزۇلار چوشقا گۆشى يېمەيدۇ، ھەرقانداق ھايۋاننىڭ قېنىنى ۋە ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. ئەرلەر ئاق ياكى قارا شاپاق دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇلار خەنزۇلار بىلەن ئۇزاق ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقاچقا، كىيىم - كېچەك، ئىسىم فامىلە ۋە ئۆرپ - ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە پەيدىنپەي خەنزۇلاشقان.
خۇيزۇلار شەكىللىنىش ۋە راۋاجلىنىشتا ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىگە ناھايىتى چوڭقۇر ئۇچرىغان. شۇڭا، جۇڭگو تارىخىدا ئىسلام دىنى خۇيزۇلار دىنى دەپ ئاتالغان. خۇيزۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاللانى ئالەمدىكى بىردىنبىر ئىلاھ دەپ قارايدۇ، مۇھەممەد پەيغەمبەرنى ئاللانىڭ ئەلچىسى دەپ بىلىدۇ. ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلارغا ئالدى بىلەن مەسچىت سالىدۇ، ئۆيلىرىنى مەسچىتنىڭ ئەتراپىغا سالىدۇ، يېزىلاردا تەبىئىي كەنتلەرنى ھاسىل قىلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. ئۇلار ھەر جۈمە كۈنى مەسچىتكە بېرىپ، جۈمە نامىزى ئوقۇيدۇ. ھەر يىلى بىر ئاي روزا تۇتىدۇ. مەۋلۈت ئەلنەبى، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئايەمنى ئۆتكۈزىدۇ.
خۇيزۇلار ئەڭ دەسلەپتە ئەرەب تىلى، پارس تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنى قوللانغان بولۇپ، كېيىنچە ئۇلار خەنزۇلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بارا - بارا خەنزۇ تىلىنى قوللانغان ھەمدە ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىدىكى بەزى سۆزلۈكلەرنى ساقلاپ قالغان.
خۇيزۇلار ۋەتىنىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشقان. قەدىمدە خۇيزۇ ئالىملىرى غەربنىڭ ئاسترونومىيە، تارىخ، ماتېماتىكا، تېبابەتچىلىك، زەمبىرەك ياساش قاتارلىق پەن - مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تارقىتىشتا زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن، خۇيزۇلاردىن كۆپلىگەن داڭلىق شەخسلەر چىققان، مەسىلەن، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئاسترونوم جامال، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى دېڭىزچى جېڭ خې ۋە تەرەققىيپەرۋەر مۇتەپەككۇر لى جى قاتارلىقلار. يېقىنقى زاماندا، خۇيزۇ خەلقى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق جاھانگىرلىككە قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشىگە قاتناشقان.
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خۇيزۇلار ئېلىمىزدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. خۇيزۇلار ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان (ئېلىمىزدە 2 مىڭدەك ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ھەننىۋاسىدا خۇيزۇلار بار) مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نوپۇسى 8 مىليون 600 مىڭ.
خۇيزۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ قاراشلىرى تېخى بىرلىككە كەلمىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش ئەھۋالى ئېلىمىزدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئانچە ئوخشىمايدۇ. خۇيزۇلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىدە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلەيدىغىنى بىر ياكى بىر نەچچە مىللەت بولماستىن، بەلكى ئۇلار نۇرغۇنلىغان تۈرلۈك مىللەت - قوۋم كىشىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن.
خۇيزۇلار تىل - يېزىق جەھەتتە، خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى خەنزۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بولغان خەنزۇ تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تىلىغا بەزى ئەرەب ۋە پارسچە سۆزلەر دۇڭزۇ - دەيزۇ تىللىرى گۇرۇپپىسى دۇڭزۇ - تايلاند تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تىلنى قوللىنىدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى ئۇلارنىڭ كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، ھېيت - ئايەم، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. خۇيزۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى 10 نەچچىگە يېتىدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ ئاساسلىق ھېيت - بايراملىرى، روزى ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن ئىبارەت.
خۇيزۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يېزىدىكىلىرى دېھقانچىلىق بىلەن، بەزى جايلاردىكىلىرى قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شەھەر - بازاردىكىلىرى ئاساسەن سودا - سېتىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خۇيزۇلار سودا - سېتىققا ماھىر كېلىدۇ.
خۇيزۇلار ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، يىمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەك، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئۆرپ - ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن.
خۇيزۇلار يىمەك - ئىچمەك جەھەتتە، ساپ - تازا، پاكىز بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەكروھ، ھارام، سويۇلمىغان (بوغۇزلىمىغان) ۋە كۆشىمەيدىغان، كۆرۈمسىز، مۇش تۇياق ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىنى، ئات گۆشىنى يىمەيدۇ، ھايۋانلارنىڭ قېنىنى ئىستېمال قىلمايدۇ.
خۇيزۇلار ئەدەپ - قائىدىلىك كېلىدۇ. ئۆزئارا ئۇچراشقاندا سالام - سائەتتىن كېيىن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر - بىرىدىن ھال - ئەھۋال سورىشىدۇ. غىزادىن كېيىن، ياكى بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغاندا، داستۇرخانغا قاراپ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىدۇ. ئۆزئارا ھەمسۆھبەت بولغاندا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايدۇ، قۇلاق، بۇرۇن، چىشىنى كولاشقا، يەرگە تۈكۈرۈشكە، مىشقىرىشقا يول قويمايدۇ، مۇھىت ۋە شەخسىي تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئادەتتە ھاراق ئىچمەيدۇ، چېكىملىك چەكمەيدۇ.
خۇيزۇلارنىڭ دەپنە قائىدە - يوسۇنلىرى ئاساسەن مۇسۇلمانلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
خۇيزۇلار ئادەتتە ئۆز مىللىتى دائىرسىدە نىكاھلىنىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، غەيرى دىندىكى يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىش ئاز ئۇچرايدۇ. خۇيزۇ يىگىت - قىزلىرى ئۆزلىرىگە لايىق تاللاش ۋە نىكاھلىنىشتا ئاتا - ئانىلىرىنىڭ پىكرىگە ھۈرمەت قىلىدۇ.
خۇيزۇلاردا بالا تۇغۇلغان كۈنى بالىغا دىنىي ئات قويىدۇ، مەكتەپ يېشىغا توشقاندا رەسمىي ئات قويۇلىدۇ. ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا كىرگەندە سۈننەت قىلىدۇ، قىز بالىنىڭ قۇلىقىنى تېشىدۇ، تىرناقلىرىغا خىنە يېقىپ قويىدۇ.
خۇيزۇلار ئىسلام مەدەنىيىتى بىلەن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان. خۇيزۇ خەلقىنىڭ <خۇار> (گۈل - چېچەك) ناخشىسى ئامما ياقتۇرىدىغان، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە مىللىي ئېپىك مۇھەببەت ناخشىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقاخۇيزۇلار ئەپسانە، رىۋايەت، لەتىپە، داستان قاتارلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغىمۇ باي. خۇيزۇلارنىڭ خەلق رىۋايەتلىرىدىن <ئادەم ئاتا ۋە ھاۋا ئانام>،<ۋەنگاسنىڭ قىسسىسى>، <غەربىي ئاستانىدىكى خېنىم>، <ئالتۇن قۇچقاچ>، ئىشقى مۇھەببەت چۆچەكلىرىدىن - <ماۋۇگې بىلەن گادومى>، <ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئاق كەپتىرى>، <مەنسۇر>، <ئىمام توغرىسىدا چۆچەك> قاتارلىقلار بار.
خۇيزۇلار ئېلىمىز تارىخىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. خۇيزۇلار تارىخىدا مەشھۇر ئاسترونوم جامالىددىن، ئالاۋۇددىن، ماخۇەن، دۇنياغا مەشھۇر دېڭىزچى جىڭ خې، شائىر ۋە ئەدىب - لىجى، دېڭ خېنيەن، سىياسىيئون - خەي رۈي ۋە جىن داجۈي، شاچېن، ساڭ يىڭدۇ قاتارلىق نۇرغۇن مۇتەپەككۇر، ئەدىب ۋە پەن - تېخنىكا ئالىملىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
خۇيزۇلاردا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىدىن كالتەك توپ، ياغاچ ئاياقتا مېڭىش، شىر ئوينىتىش، ئۆكۈز بىلەن ئېلىشىش، چامباشچىلىق، جانبازلىق، چېلىشىش قاتارلىقلار بار، بۇ پائالىيەتلىرىنى كۆپىنچە ھېيت - ئايەم كۈنلىرى ئېلىپ بارىدۇ.
خۇيزۇلار ئاق رەڭنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ، خۇيزۇلار ئادەتتە قىبلىگە قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىشنى، پۇتىنى قىبلىگەقىلىپ يېتىشنى، يالاڭ باش، ئۆرە تۇرۇپ غىزالىنىشنى، كىشىنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت - شىكايەت قىلىشنى، ئۆزئارا گەپ توشۇشنى ئېغىر ئالىدۇ.