خۇيⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① كىشىدە بولىدىغان مىجەز-خۇلق، ئادەت:[مىسال:] قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار (ماقال).[يەشمىسى:] ② ئەسكى مىجەز؛ يامان قىلىق:[مىسال:] «ياۋاشنىڭ مۈڭگىزى ئىچىدە» دېگەندەك، بۇ خېنىمغىمۇ خۇي پەيدا بولۇپ قالدى.[يەشمىسى:] ③ قىلىق؛ ئادەت (ھايۋانلار ھەققىدە):[مىسال:] ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر (ماقال). خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما (ماقال).