UyghurMain Dictionary
خۇي
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. مىجەز، خۇلق، قىلىق، ئادەت
خۇيى يامان.* قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقار ( ماقال ).* خۇينى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما ( ماقال ).
2. ئەسكى مىجەز، قىلىق . خۇيى بار، خۇيى تۇتماق.* خۇيلانماق.* خۇي چىقارماق.* ئۇنىڭ خۇيى بار، خۇيى تۇتسا ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ.* خەلچەم يېڭى خۇي چىقىرىپ قاپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
تام _ تورۇسلارغا زىننەتلەپ چاپلانغان قەغەز، رەخت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر.
ئۆينىڭ خۇيى چۈشۈپ كېتىپتۇ، قايتا خۇيلاپ قويايلى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ناننى دۈملەش ئۈچۈن، تۇنۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويىدىغان تاغار، كېگىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەر.
تۇنۇرنىڭ خۇيىنى ياپ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەتكە مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدىغان روھىي خىسلەت.
موھتاجلىق مىجەزنىمۇ بۇزىدۇ. قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقى ئۇندىن ئارتۇق. ھەر كىمدە بولسا گەر ياخشى تەبىئەت، ئادەملىك يۈكسەك ئۇندا ناھايەت. دۈشمەنلىكتىن ئەمەس چايان چېقىشى، شۇنداق تەبئىتى، پېئىلى، خاھىشى، ياخشى خۇلق جان ئوزۇقى. كىم تۈزىمەك بولسا جاھان خەلقنى، ئاۋۋال تۈزەتسۇن ئۆز خۇلقىنى، خۇيى تۇتسا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەس. پەيلى ياماندىن قورق. خاراكتېرى ئوبدان بالا ھەممىگە ياقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
كىشىدە بولىدىغان مىجەز - خۇلق، ئادەت.
قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار (ماقال).
ئەسكى مىجەز؛ يامان قىلىق.
<ياۋاشنىڭ مۈڭگىزى ئىچىدە> دېگەندەك، بۇ خېنىمغىمۇ خۇي پەيدا بولۇپ قالدى.
قىلىق؛ ئادەت (ھايۋانلار ھەققىدە).
ئاتنىڭ خۇيىنى ئىگىسى بىلەر (ماقال).
خۇيىنى بىلمىگەن ئاتقا يېقىن بارما (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
بىناكارلىق
ئاۋاز توسۇش، ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە زىننەت بېرىش مەقسەتلىرى ئۈچۈن، ئۆي تورۇسىنىڭ ئاستىغا ئورنىتىلىدىغان قەۋەت. ئادەتتە ياغاچتىن جاھازىسى قۇرۇلۇپ، ئۈستىگە قەغەز، سۇلياۋ، رەخت ۋە پەنەركە قاتارلىقلارنى چاپلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئالمىنىڭ سۈپىتى ئەڭ ياخشى بىر خىل سورتى. مېۋىسى كونۇسسىمان، پوستى نېپىز، شەپەق رەڭدە، جۇلالىق؛ گۆشى ئاقۇچ، تەملىك، سۇلۇق، خۇشبۇي ۋە چىداملىق بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. تونۇرغا يېقىلىدىغان ناننى دۈملەش ئۈچۈن، تونۇرنىڭ ئاغزىغا ياپىدىغان تاغار ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەر.