UyghurMain Dictionary
خېمىرتۇرۇچ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىتىش، بولدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان <ئېچىتقۇ> ئومۇمەن ئېچىتىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرگە سېلىنىدۇ.
<خېمىرتۇرۇچ>، <پاگى> خېمىرنى بولدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. <كۆنەلگە> قېتىق، قىمىزلارنى ئۇيۇتۇش ئۈچۈن سېلىنىدۇ.
ئېچىتقۇسىز ئېچىتىشقا ئۇرۇنما. سۆزنىڭ خېمىرتۇرۇچى - ماقال. خېمىرنىڭ پاگىسى ئېشىپ كېتىپ، نان ئاچچىق بولۇپ قاپتۇ. كۆنەلگە يوق، قېتىم ئۇيۇتالمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خېمىرنى بولدۇرۇش، كۆپتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئېچىتقۇ.
كۆچمە. بىرەر ئىش ئۈچۈن ئالدىن سېلىنغان مەبلەغ، ئىقتىساد ياكى ئىقتىسادىي ئاساس، ئۇل.
بۈگۈن تورپاق بىلەن ئىنەكنى ساتساق، بۇلتۇرقى موزىيى خېمىرتۇرۇچ بولۇپ تۇرۇپ تۇرسا قانداق بولار؟
كۆچمە. بىلىم، سەۋىيە، مەلۇمات؛ ئۇماچ.
ئۇنىڭ قورسىقىدا خېلى خېمىرتۇرۇچى بار.