UyghurMain Dictionary
خېڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خېڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − سەنشى ئۆلكىسى خۇنيۇەن ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدا، خېڭشەن تېغىنىڭ ئاساسىي چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن2017 مېتىر ئېگىز، كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، چوققىلىرى تىك، قەدىمدە شىمالىي يۆ بەگلىكىگە سۇپۇرغال قىلىپ بۆلۈپ بېرىلگەن. تيەنفېڭ چوققىسى، سۇيپىڭ چوققىسى، جىنلۇڭشيا بوغۇزى، گۇساۋيا قىياسى، فېيشىياۋ تاش غارى، چيەنفونىڭ چوققىسى، شۇەنكۇڭ ئىبادەتخانىسى قاتارلىق مەنزىرىلىك جايلار بار. ئۈستىدە خەتەرلىك قىيالار، تۆۋىنىدە چوڭقۇر جىلغىلار بار بولۇپ، مۇئەللەقتە تۇرغان راۋاق - شىپاڭلار تولىمۇ ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، يەنە رەڭلىك فارفور مەدەنىيىتى بار بولۇپ، برۇنزا قوراللار دەۋرىنىڭ خارابىسى، خەنخېڭشيەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى، ئىچكى سەددىچىن ۋە قەدىمىي قەبرىستانلىق قاتارلىق يادىكارلىقلار بار.
جۇڭگودىكى مەنزىرلىك جايلار
خېڭشەن تېغى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خېڭشەن ناھىيىسىدە، نەنيۆ خېڭشەن تېغى ئاساسەن گرانىتلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تاغنىڭ كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك، چوققىلىرى كۆپ، ئاساسىي چوققا بولغان جۇرۇڭفېڭ چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن1290 مېتىر ئېگىز. ھازىر نەنيۆ ئىبادەتخانىسى، جۇشېن ئىبادەتخانىسى، فۇيەن ئىبادەتخانىسى، نەنتەي ئىبادەتخانىسى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىبادەتخانىلار بار. جۇرۇڭ چوققىسىنىڭ ئېگىزلىكى، زاڭجىڭ قەسرى (نومخانا)نىڭ ئېسىللىقى، ۋەيپۇلىيە دەستۇرى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئورماننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقانلىقى، شارقىراتما ئۆڭكۈرىنىڭ ئاجايىپلىقى نەنيۆ تېغىدىكى »تۆت تەڭداشسىز« ھېسابلىنىدۇ. خېڭشەن تېغى دەل - دەرەخلىرى بۈك - باراقسان بولۇپ، يىل بويى كۆكىرىپ تۇرۇشى، ئۆزگىچە گۈل - گىياھلارنىڭ تۆت پەسىلدە ئوخشاشلا خۇش پۇراق چېچىپ تۇرۇشى بىلەن »بەش تاغ ئىچىدىكى ئۆزگىچە تاغ« دەپ نام ئالغان. تارىختا ئۆتكەن پادىشاھ ۋە ئەدىبلەر بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىپ، دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نۇرغۇن يادىكارلىق ۋە نەزمە، قەسىدە، قىيا تاش ئويمىلىرىنى قالدۇرغان.