UyghurMain Dictionary
خېنىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياللارنىڭ ھۈرمەت نامى.
« خانىم » ئوقۇمۇشلۇق ئاياللارنىڭ ئاتىلىشى.
باشقىلىرى ئۆزىگە قارىغاندا ئېرىنىڭ ھۈرمىتىدىن شۇنداق ئاتىلدۇ. مىساللاردىن قاراڭ. « ئاپپاق » قۇمۇل شېۋىسى.
كىشىگە قىلغان ئىزادىن خانىم بىزار. قىرىق ئاغىچا ئاچتىن ئۆلۈپتۇ. غوجامنىڭ ئالماسلىقىنى بىلىپ، خېنىم تەگمەس بوپتۇ.
ئايال: كۆلگە چۆكۈپ كەتكەن فۇچۇننى قۇتقۇزىۋالغان سىزمۇ؟
ئەر: ھەئە، بانۇم.
ئايال: ئەمىسە، ئۇنىڭ بىر پاي پەلىيى قېنى؟
قۇشناچىمنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوتيېشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خاننىڭ خوتۇنى، خانىش.
خان بىلەن خېنىم يېقىن كەلگەندە ئىشاننىڭ ئالدىغان تەزىم قىلىدۇ.
ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاياللارنىڭ ئىسمىغا قوشۇپ ئېيتىلىدۇ.
مانا بۇنى پاتىمە خېنىم ئەۋەتىپتۇ.
كونا جەمئىيەتتە، يۇقىرى تەبىقىلەرنىڭ خوتۇن - قىزلىرىنىڭ بىر خىل ئاتىلىشى.
ئۇلار ئاجايىپ چىرايلىق كىيىنىدىغان خېنىملار ئىكەن.