UyghurMain Dictionary
خېيىم خەتەرلىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
«خېيىم - خەتەرلىك»جەڭگى - جېدەل بولۇپ تۇرغان، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالغان ھالەت.
تىنچلىق، ئامانلىق، ئېسەنلىك، تىنچ - ئامانلىق، ئامان - ئېسەنلىك
جەڭگى - جېدەلسىز، بەخىرامانلىق، ساق - سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھالەت.
تەڭگىدىن تېنچلىق قىممەت. ئەل ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى. ئېسەنلىك يادىڭدا بولسا، يامانلىقتىن ساقلىنىسەن. تىنچ - ئامانلىق سوراشماق ئەدەبتىنلا ئەمەس، ئىنساپتىن. ئامان - ئېسەنلىك ئەڭ زور دۆلەت. بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتمىگەن تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس. پاراكەندىچىلىك غۇربەتچىلىككە باشلايدۇ. بىر ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئون ئۆيدە ئەنسىزچىلىك. تىنچسىزلىق ھۆكۈم سۈرسە، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.