UyghurMain Dictionary
دائى دۇئات
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىسمائىلىيەدىكى تەبلىغات ئۇيۇشمىسنىڭ داھىيسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دائى دۇئات دائى كەبىرلەرگە رەھبەرلىك قىلشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئۇلارنى جايلارغا بېرىپ ئۆز مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىنى ئاشكارا ياكى مەخپىي تەشۋىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. مەسىلەن، سۈرىيەنىڭ سەلامىيە تەبلىغات ئۇيۇشمىسىدىكى ئۇبەيدۇللا مەھدى كېيىن فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ تۇنجى خەلىپىسى بولدى.